ئامېرىكا رۇسىيەدىن تەسىر كۈچىنى ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پولشا - بېلارۇسىيە چېگراسىدا يۈز بەرگەن كۆچمەنلەر كىرىزىسى توغرىسىدا رۇسىيەدىن بېلارۇسىيەگە قارىتا تەسىر كۈچىنى ئىشلىشىنى تەلەپ قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى يېن پساكى، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پولشا – بېلارۇسىيە چېگراسىدا يۈز بەرگەن كۆچمەنلەر كىزىسىنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە لۇكاشېنكو (بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى) ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەلەردىن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى توغرۇلۇق ياۋروپالىق ھەمراھلىرىمىز بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىۋاتىمىز، بۇ جاۋابكارلىق ئېمبارگولارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ پات يېقىندا تېلېفوندا كۆرۈشۈشىنى كۈتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «لۇكاشېنكو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈمىدسىز كىشىلەرنى سۇيىئىستېمال قىلىشنى توختىتىشى ئۈچۈن، رۇسىيەنى بېلارۇسىيە ئۈستىدىكى تەسىر كۈچىنى ئىشلىتىشكە چاقىرىمىز، رۇسىيە – بېلارۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيەنىڭ شۇنداق قىلالايدىغانلىقى مەسىلىسىدە ھېچقانداق شەك – شۈبھە يوقتۇر.»