تۇنىستا ئىجتىمائىي مالىمانچىلىق يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى

تۇنىس باش ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سەمىر ئەل شەفى دۆلەتتىكى ئەھۋاللارنى «ئىنتايىن مۈشكۈل» دەپ تەسۋىرلەپ، ئىجتىمائىي مالىمانچىلىق يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

1733592
تۇنىستا ئىجتىمائىي مالىمانچىلىق يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەمىر ئەل شەفى بىر خۇسۇسىي رادىيوغا بەرگەن باياناتىدا، «ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئىجتىمائىي ۋەزىيەتكە سەل قاراش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇل ئەمەس، بۇ تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي مالىمانچىلىق ۋە كرىزىسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» دېدى.

سەمىر ئەل شەفى دۆلەتنى قايتا قۇرۇشتا ئورتاق پپزىتسىيەلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئىشچىلار ئويۇشمىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشكە ئىشىنىدىغان ھەر قايسى پارتىيەلەر قاتنىشىدىغان رېئال مىللىي دىيالوگنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر