ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كىلىمات مەسىلسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

دۇنيادا ئاتموسفېراغا ئەڭ چوڭ كاربون قويۇپ بېرىدىغان ئامېرىكا بىلەن خىتاي گلاسگوۋ (Glasgow) كىلىمات باشلىقلار يىغىنى رامكىسىدا، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇشتىكى ھەمكارلىقنى تېزلىتىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.

1732515
ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كىلىمات مەسىلسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ گلاسگوۋ باشلىقلاريىغىنىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ قارشى ئېلىنىدىغانلىقى، ئەمما پارىژ كېلىشىمىنىڭ نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بىلەن نۆۋەتتە كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بارلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق ئورنىتىشنى پىلانلىغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:

«2020-يىللاردا سەرا گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشقا مۇناسىۋەتلىك  نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىلىرىنى ۋە مۇھىت ئۆلچەملىرىنى تۇرغۇزۇش؛ پاكىزە ئېنېرگىيەنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلدە جەمئىيەتتىكى پايدىسىنى ئەڭ زور چەكتە ئاشۇرۇش؛ ئاخىرقى ساھەنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشىنى ئازايتىش ۋە توك ئىشلىتىشنى رىغبەتلەندۈرىدىغان سىياسەتلەرنى تۈزۈش؛ يېشىل لايىھەلەش ۋە قايتا پايدىلانغىلى بولىدىغان مەنبەلەردىن پايدىلىنىشقا ئوخشاش ئايلانما ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ساھەلەرنى تۈزۈش؛ بىۋاسىتە ھاۋا تۇتۇش قاتارلىق تېخنولوگىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش.»

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئامېرىكا 2035-يىلىغىچە كاربون قويۇپ بېرىش بولمىغان %100 ئېلېكتىر بولۇش نىشانى بەلگىلەندى. خىتاي بەش يىللىق پىلان دائىرىسىدە كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىشنى ئازايتىش ۋە بۇنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىدۇ.»

بىرلەشمە باياناتتا، كېلىشىمدە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات مەسىلىسىدە ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن 2025-يىلىغىچە ھەر يىلى بىرلىكتە 100 مىليارد دوللار ياردەم قىلىشنى ۋەدە بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر