ئەرەب ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ھۇسىيلارغا زەربە بەردى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب ئىتتىپاقداش كۈچلىرى، يەمەننىڭ شىمالىدا ھۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا ھەربىي نىشانلارغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1732435
ئەرەب ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ھۇسىيلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «‹ SPA› ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب ئىتتىپاقداش كۈچلىرى باياناتچىسى تۈركىي ئەلمالىكى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سانا ۋە سادە ۋىلايەتلىرىدىكى ھۇسىيلارغا ئائىت قورال – ياراغ ئىسكىلاتلىرى، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا زەربە بەرگەنلىكلىرىنى، بۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھەربىي نىشانلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ھۇسىي ئەسكەرلىرىنىڭ چاگرا ھالقىغان ھۇجۇملىرى تولىمۇ كۈلكىلىك بولۇپ، بىز يەنىلا ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىۋاتىمىز.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ھۇسىيلار تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە، ئىتتىپاقداش كۈچلىرى  سانا، ئۇمران ۋە سادە ۋىلايەتلىرىگە ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغان.

ھۇسىيلارغا قاراشلىق «‹ئەلمەسىرە› تېلېۋىزىيەسى» مۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، مەزكۇر ھۇجۇملار ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە قاراشلىق ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ، سانانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىنى ئۇدا 5 قېتىم بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر