ئامېرىكا تاجىكىستاندىكى ئافغانىستانلىق ئۇچقۇچىلارنى ئامېرىكاغا يۆتكەشنى تېزلەتتى

ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىۋاتقان مەزگىلدە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسىنىڭ تاقىلىپ كېتىشى سەۋەبىدىن تاجىكىستانغا قېچىپ كەتكەن ئافغانىستان ئۇچقۇچىلىرىنى ئامېرىكاغا يۆتكەش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

1732064
ئامېرىكا تاجىكىستاندىكى ئافغانىستانلىق ئۇچقۇچىلارنى ئامېرىكاغا يۆتكەشنى تېزلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىرباي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «تاجىكىستاندا ئافغانىستان ئۇچقۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 191 ئافغانىستانلىق كۆچمەن بار، بىزنىڭ ئۇ يەردىكى باش ئەلچىخانىمىز ئۇلارنى يۆتكەشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇلار پات يېقىندا تاجىكىستاندىن ئايرىلىدۇ، ئەمما بىزنىڭ ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلىمىز يوق» دېدى.

كىرباي ئامېرىكا ئافغانىستان ئارمىيەسىگە بەرگەن ۋە ئافغانىستانلىق ئۇچقۇچىلار قاچقاندا تاجىكىستانغا ئېلىپ بارغان ئايروپىلانلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر