كىشىدا قايتا باش ۋەزىرلىككە سايلاندى

ياپونىيەدە سايلامدا غەلىبە قىلغان لىبېرال دېموكرات پارتىيەسىنىڭ باشلىقى كىشىدا فۇمىيو يەنە باش ۋەزىرلىككە سايلاندى.

1731863
كىشىدا قايتا باش ۋەزىرلىككە سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە پارلامېنتى 31-ئۆكتەبىر (2021) دە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن ئومۇمىيۈزلۈك توپلاندى.

لىبېرال دېموكرات پارتىيەسى 465 كىشىلىك پارلامېنتتا 261 ئورۇننى ئىگىلەپ، نامزاتى كىشىدا فۇمىيونى ياپونىيەنىڭ 101-نۆۋەتلىك باش ۋەزىرلىكىگە سايلىدى. ياپونىيە پارلامېنتىدا 233 ئورۇننى ئىگىلىگەن پارتىيە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولىدۇ.

پارلامېنتتىكى ئاۋاز تاشلاشتا، كىشىدا فۇمىيو 297 ئاۋازغا ئېرىشتى. ئۇنى ھاكىمىيەتنىڭ شېرىكى كومېيتو پارتىيەسى قوللىدى. كىشىدا فۇمىيو مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە يېڭى كابېنتىنى تەشكىللەيدۇ.

لبېرال دېموكرات پارتىيەسىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى سايلىمى سېنتەبىر (2021) ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كىشىدا 4-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنتتىكى ئاۋاز تاشلاشتا باش ۋەزىرلىككە سايلانغان ئىدى.

ئۇ تەخمىنەن تۆت ھەپتە داۋاملاشقان تۇنجى نۆۋەتلىك ۋەزىپىسىدىن كېيىن، 31-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر