ياپونىيە ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى ئۆلكىنىڭ ئىچىگە يۆتكەش پىلانىدا چىڭ تۇرماقتا

ياپونىيە غەربىي شىمالدىكى ئوكىناۋا ئۆلكىسىگە جايلاشقان ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى ئۆلكىنىڭ ئىچىگە يۆتكەش پىلانىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1730714
ياپونىيە ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى ئۆلكىنىڭ ئىچىگە يۆتكەش پىلانىدا چىڭ تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ياپونىيە مىنىستىرلار كابىنېتى باش كاتىپى ماتسونو خىروكازۇ ئوكىناۋادىكى زىيارىتى جەريانىدا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە فۇتېنما بازىسىنىڭ يۆتكىلىشى توغرىسىدا يەرلىك مەسئۇللار بىلەن كۆرۈشتى.

ماتسونو بازا جايلاشقان گىنوۋان ناھىيەسى ۋە بازا كۆچۈرۈلىدىغان ناگو ناھىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

ماتسونو ئوكىناۋا ۋالىيسى تاماكى دېننىي بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ھەم ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقىنىڭ ھۇجۇم ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى، ھەم نۇپۇسى زىچ گىنوۋان رايونىنىڭ يەرلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاماكى بولسا، كۆپىنچە ئاھالىلەرنىڭ ھەربىي بازىنى كۆچۈرۈش لايىھەسىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تاماكى بازانىڭ كۆچۈرۈلۈشى ئېلىپ كەلگەن تەھدىدلەرنىڭ ھازىرمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ئەسكەرتىپ، كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر