ئىران تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سەيىد خاتىبزادە تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر ساھەدە ياخشىلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

1730945
ئىران تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاتىبزادە پايتەخت تېھراندىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەنقەرە - تېھران مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە گۈللەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن خاتىبزادە: «تۈركىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئىمكانىيىتى ئەمەلگە ئاشقاندىنمۇ كۆپ. بىز يېقىنقى يىللاردا قويۇق مۇناسىۋەتتە بولدۇق، يەنە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان نۇرغۇن تۈرلەر بار. يېقىن كەلگۈسىدە تۈركىيە بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك زىيارەتلەر بولىدۇ » دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى 30 يىلدا ئەزەربەيجاننىڭ (ئەرمېنىيە تەرىپىدىن) ئىشغال قىلىنىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكلىرىنى، ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللاپ كەلگەنلىكلىرىنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ: «بىز ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان رايونلار مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى تەبرىكلىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ ئۇنىڭ خاتىرە كۈنىنىمۇ قىزغىن قارشى ئالىمىز»  دېدى.

تېھران بىلەن باكۇنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان خاتىبزادە: «مەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشىنى، مەتبۇئاتلار سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ قايتا سادىر بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر