ئىران ئىراق باش مىنىستىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئۇرۇنۇشى ھەققىدە ئامېرىكانى ئەيىبلىدى

ئىراننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىراق باش مىنىستىرى مۇستاپا ئەلكازىمىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئۇرۇنۇشى ھەققىدە ئامېرىكانى ئەيىبلىدى.

1730382
ئىران ئىراق باش مىنىستىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئۇرۇنۇشى ھەققىدە ئامېرىكانى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئالىي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ئەلى شامھانى ئىراق باش مىنىستىرى كازىمىنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە تىۋىتتېر ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ھۇجۇمغا ئالاقىدار يېپىق شەكىلدە (ئىسىم بەرمەستىن) ئامېرىكىنى ئەيىبلىگەن شەمھانى، «ئىراق باش مىنىستىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش يېڭى پىتنىدۇر. بۇ ۋەقەنىڭ ئىزلىرىنى چوقۇم چەتئەلنىڭ مەفكۈرە ئۆيلىرىدىن ئىزدەش كېرەك. (ئامېرىكا) بۇ دۆلەتنى ئىشغال قىلدى ۋە يىللاردىن بېرى تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ياردەم قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىراق خەلقىگە بەرگەن سوۋغاتلىرى مۇقىمسىزلىق، بىخەتەرلىكسىزلىك ۋە توقۇنۇشتىن باشقا نەرسە بولمىدى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئىراق ھۆكۈمىتىگە تەۋە  بىخەتەرلىك ئاخبارات تورى تەرىپىدىن كېچىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باش مىنىستىر كازىمىنىڭ تۇرالغۇسىغا قىلىنغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا باش مىنىستىرنىڭ يارىدار بولماستىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر