ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرى ئالدىنقى سەپلەرگە مىنا كۆمۈشكە باشلىدى

پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرى، ھەربىي ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىگە مىنا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشلىدى.

1729965
ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرى ئالدىنقى سەپلەرگە مىنا كۆمۈشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تەل رىفات رايونىغا ئۇۋا سالغان بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ، ھەربىي ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىگە مىنا قويۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

يەرلىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرى يېقىندىن بۇيان سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى كونتروللۇقىدىكى ئازەز ۋە مارە ناھىيەلىرىنىڭ تەل رىفات چېگراسى بويىدىكى ئالدىنقى سېپىنى كۈچەيتىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

3-نويابىر سەھەردە مىنناغ ئايرودۇرۇمى ئەتراپىغا جايلاشقان ي پ گ / پ ك ك نىڭ ئاتالمىش قارارگاھىغا يېتىپ بارغان رۇسىيەدە ئىشلەنگەن زىل تىپلىق تۆت ھەربىي ماشىنا تېررورچى ئۇنسۇرلارغا كۆپ مىقداردا مىنا يەتكۈزۈپ بەردى.

تېررورچىلار تۈركىيە چېگراسىدىن 18 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى تەل رىفات رايونىنىڭ غەربىگە جايلاشقان تەننەب ۋە جۇلبۇل ئالدىنقى سېپىگە مىنا كۆمۈشنى باشلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى كۆمۈۋاتقان مىنالار ئىنسانلار ۋە تانكىلارغا زەربە بېرىشنى نىشان قىلىدىكەن.

تۈركىيە ۋە سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن ۋە فىراتنىڭ شەرقىدىكى ي پ گ / پ ك ك ئىشغال قىلىۋالغان رايونلاردا ئېلىپ بارغان «زەيتۇن شېخى» ۋە «تىنچلىق باھارى» ھەرىكىتى جەريانىدا نۇرغۇن مىنا بايقىلىپ ۋەيران قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر