ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەئۇدى ئەرەبىستانغا 650 مىليون دوللار قىممىتىدىكى «F 35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1729738
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق ئورگىنى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سەئۇدى ئەرەبىستانغا، 650 مىليون دوللار قىممىتىدىكى <AIM-120C > ناملىق   ئىلغار ئوتتۇرا مۇساپىلىك ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا (AMRAAM) ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ سېتىلىشىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.»

ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ سېتىلىشىنى تەستىقلاش ھەققىدە دۆلەت مەجلىسىگە ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، سېتىش پىلانىنىڭ، «280 AIM-120C» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 56 دانە «LAU-128» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىلىرى ۋە باشقا ياردەمچى ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قول ئىلكىدىكى «F 35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە « Eurofighter Typhoon » ناملىق ئايروپىلانلىرىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قورال – ياراغ سېتىشنى تەستىقلىشى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن قورال – ياراغ سېتىشنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق توسالغۇ يوق، دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، 30 كۈن ئىچىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قارارىغا ئېتىراز بىلدۈرمىگەن تەقدىردە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، سېتىلىشى تەستىقلانغان دۆلەت بىلەن سېتىش پىلانىنىڭ  تەپسىلاتى توغرۇلۇق مۇزاكىرىلەرگە باشلايدىكەن.

بۇ مۇزاكىرىلەرنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەزكۇر دۆلەتكە بىر تەكلىپ خېتى يوللايدىكەن، تەكلىپ خېتىگە ئىجابىي جاۋاب ئالغان تەقدىردە، سېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر