ب د ت باش كاتىپى كانادالىق دىپلوماتنى قىبرىس ئالاھىدە ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش، كانادالىق دىپلومات كولىن ستېۋارتنى قىبرىس  ئالاھىدە ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

1729759
ب د ت باش كاتىپى كانادالىق دىپلوماتنى قىبرىس ئالاھىدە ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبات باشقارمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ستېۋارت، قىبرىستىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمى (UNFICYP) نىڭ مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.

قىبرىس ئالاھىدە ۋەكىللىكى ۋەزىپىسى بىلەن ئېلىزابېت سپېخارنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغان ستېۋارت، يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ قىبرىس مەسىلىسى مۇئاۋىن ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدىمۇ ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدا تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن  كولىن ستېۋارت، ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ غەربىي سەھرايى كەبىر ئالاھىدە ئەلچىسى بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر