گىرېتسىيە: تۈركىيە بىلەن ئىجابىي دىيالوگ ئورنىتىشنى خالايمىز

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىئاس دۆلىتىنىڭ تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقى بىلەن ئىجابىي دىيالوگ ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1729075
گىرېتسىيە: تۈركىيە بىلەن ئىجابىي دىيالوگ ئورنىتىشنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىئاس، سىلوۋېنييە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانزې لوگار بىلەن ئاتىنادا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گىرېتسىيە – سىلوۋېنىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈركىيە ھەققىدە توختالغاندا، تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىگە قارىتا يامان نىيەتلىك ئەمەسلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيە تۈركىيە خەلقى بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلماقتا، چۈنكى تۈركىيە خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرمۇ ياۋروپا بىلەن بىر گەۋدىلىشىش ۋە ئۆزگىچە بىر خىل باسقۇچنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى خالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەكتە.»

گىرېتسىيەنىڭ ھەردائىم ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دېندىئاس، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ ئىتتىپاققا ئەزا بولۇشنى ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغان دۆلەتلەرگە، خەلقئارا قانۇن ۋە ياۋروپانىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقى توغرۇلۇق ئوچۇق سىگنال بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر