توكلۇق ئاپتوموبىللارغا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك توك قاچىلىغۇچ ئىشلەپچىقىرىلدى

توكلۇق ئاپتوموبىللار ئۈچۈن چامادانغا ئوخشاپ كېتىدىغان ۋە  ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا ساندۇقىغا سىغىدىغان ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك توك قاچىلىغۇچ كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدۇ.

1728945
توكلۇق ئاپتوموبىللارغا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك توك قاچىلىغۇچ ئىشلەپچىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توكلۇق ئاپتوموبىلغا ماس كېلىدىغان توك قاچىلاش نۇقتىسىنى تېپىش مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلەر، شوپۇرلار توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ باتارېيەلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن بىللە ئېلىپ يۈرىدىغان ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك يېڭى توك قاچىلىغۇچنىڭ بازارغا سېلىنىشى بىلەن تۈگىدى.

«ZipCharge Go»  ناملىق توك قاچىلىغۇچ، ئەنگلىيەدە 2022 – يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ خېرىدارلارنىڭ مۇلازىمىتىگە سۇنۇلىدۇ.

يېرىم سائەتتە قاچىلانغان توك بىلەن 32 كىلومېتىرلىق مۇساپىگە يېتىپ بارغىلى بولىدىغان بۇ ئۈسكۈنىگە، ئۆيدە توك قاچىلىغىلى بولىدۇ.

ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك يەڭگىل توك قاچىلىغۇچ، ھەممە كىشىگە ئۆيدە توك قاچىلاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

خالىغان كىشىلەر، ئۈسكۈنىگە ئۆيدە ئەمەس، ئايلىق مۇشتەرى بولۇش شەرتى بىلەن توك قاچىلىنىپ تەمىنلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر