سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ياپونىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېڭىشى قۇرۇلدى.

2142709
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ياپونىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيو سىنلىق تور يىغىنىدا كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈشتە، ئىككى رەھبەر غەززە رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان رايوندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىش، غەززە رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش يولىدا كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر، بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈشۈشتە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېڭىشى قۇرۇلغان.

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيو سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنى خام نېفىت بىلەن مۇقىم ھالدا تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن، شۇنداقلا رىيادنىڭ خەلقئارا نېفىت بازىرىنىڭمۇ مۇقىم ھالەتتە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى ۋە پاكىزە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرىنى قوللاشتىكى رەھبەرلىك رولىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بولسا، دۆلىتىنىڭ ياپونىيەنى داۋاملىق خام نېفىت بىلەن تەمىنلەش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا دۆلىتىنىڭ ياپونىيە بىلەن پاكىزە ئېنېرگىيە قاتارلىق باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر