تالىبان: پۈتكۈل ئافغانىستان خەلقىنىڭ پاسپورت ئېلىش ھوقۇقى بار

تالىبان ھۆكۈمىتى پۈتكۈل ئافغانىستان خەلقىنىڭ پاسپورت ئېلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1722762
تالىبان: پۈتكۈل ئافغانىستان خەلقىنىڭ پاسپورت ئېلىش ھوقۇقى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى پاسپورت ئىشلىرى مۇئاۋىن باش مۇدىرى  ھەققانى، پاسپورت بېجىرىش ئىشلىرىنى سىستېمىغا كىرگۈزگەنلىكلىرىنى، ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئالاقىدار ئىشخانىلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق قالايمىقانچىلىق ئوتتۇرىغا چىقماستىنلا پاسپورت ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى، پاسپورت بېرىدىغان ئىشخانىلىرىنىڭ پۈتكۈل خەلقنىڭ خىزمىتىگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، چەت ئەلگە چىقماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئىسپات خېتى بېرىدىغانلىقلىرىنى ، ھەمدە ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن كىشىلەرنىڭمۇ پاسپورت ئېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى  قەيت قىلدى.

تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان خەلقىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەققانى، ھېچكىمنىڭ دۆلەتنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالمىغانلىقىنى ۋە قورقماسلىقى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى، ھەمدە ھەممە كىشىگە پاسپورت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى، ھېچكىمنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلمىغانلىقلىرىنى، ھېچكىمگە تەن جازاسى بەرمىگەنلىكلىرىنى، بۇنداق دەۋالارنىڭ دۈشمەنلەرنىڭ تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى، داۋالاشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەر، تەنھەرىكەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئالدى بىلەن داۋالىنىشقا تېگىشلىك گۇرۇپپىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر