ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە ھەيئەتلىرى مەجلىستە كۈتۈۋېلىندى

تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار كومىتېتى يىغىنىدا ھەيئەتلەر ئارا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

1721828
ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە ھەيئەتلىرى مەجلىستە كۈتۈۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى  تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچنىڭ  رىياسەتچىلىكىدە پايتەخت ئەنقەرەدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشلارغا، ئەزەربەيجان ھەيئىتىگە ۋەكالىتەن، ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسى تاشقى ئىشلار ۋە  پارلامېنتلار ئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەمەد سەييىدوۋ، گىرۇزىيە ھەيئىتىگە ۋەكالىتەن، گىرۇزىيە پارلامېنتى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىن نىكولوز سامخارادزې ئىشتىراك قىلدى.

يىغىن ھارپىسىدا قىسقا ئېچىلىش نۇتۇقلىرى سۆزلەندى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى  تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە ھەيئەتلىرىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە كۈتۈۋېلىشتىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسى تاشقى ئىشلار ۋە  پارلامېنتلار ئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەمەد سەييىدوۋ، ئۈچ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقلىرىنى بايان قىلدى.

 سامخارادزې بولسا، ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشلىرىنىڭ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇھىم سەھنە ئىكەنلىكىنى ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر