تەيۋەن: خىتاينىڭ يەنە 4 ئۇرۇش ئايروپىلانى ھاۋا مۇداپىئە ساھەمىزگە كىردى

خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە تەۋە 52 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تۈنۈگۈن تەيۋەن تەرىپىدىن ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى دەپ ئېلان قىلىنغان ساھەگە كىرگەندىن كېيىن، يېرىم كېچىدە يەنە 4 ئۇرۇش ئايروپىلاننىڭ رايوندىن ئۇچقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1714848
تەيۋەن: خىتاينىڭ يەنە 4 ئۇرۇش ئايروپىلانى ھاۋا مۇداپىئە ساھەمىزگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا،  4 دانە « J-16 » تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ، يېرىم كېچىدە تەيۋەننىڭ ھاپا مۇداپىئەسى ساھەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا كىرگەنلىكىنى، ئايروپىلانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنلىكىنى، بۇ ئايروپىلانلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن، پۇقراۋى چارلاش ئايروپىلانلىرى بىلەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق، تۈنۈگۈن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا،  كۈندۈز تەرەپلەردە 52 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

جەمئىي 56  قېتىمغا يەتكەن ئۇچۇشلار، تەيۋەن تەرىپىدىن خاتىرىلىنىشكە باشلىغان 2020-يىلى سېنتەبىر ئېيىدىن بۇيان، بىر كۈن ئىچىدە  ئېنىقلاپ چىقىلغان ئەڭ كۆپ ئايروپىلان قاتناشقان «دەپسەندىچىلىك» بولدى.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى تەبرىكلىنىدىغان 1 – ئۆكتەبىر خىتاي دۆلەت بايرىمى كۈنى ۋە كېيىنكى 2 كۈندە، جەمئىي 93 ئايروپىلان تەيۋەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىنى دەپسەندە قىلغانىدى.

خىتاينىڭ، تەيۋەن تەرىپىدىن ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى دەپ ئېلان قىلىنغان رايونغا قارىتا ئۇچۇشلىرىنى، ئايروپىلانلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتكەن ھالدا داۋاملاشتۇرۇشى، بۇ رايوندىكى جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسى، دەپ ئانالىز قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر