تەيۋەن خىتاينىڭ 38 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاينىڭ 38 ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1713729
تەيۋەن خىتاينىڭ 38 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 25 ئايروپىلاننىڭ تۈنۈگۈن كۈندۈزى، 13 ئايروپىلانىنىڭ كەچ تەرەپ  ADIZ نىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئۇچقانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

تەيۋەن دائىرىلىرى، خىتاينىڭ «قەستەن» ھەربىي دەخلى – تەرۇزلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، رايوننىڭ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق چوڭ كۆلەملىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتاي 15 – ئىيۇن 28، 5 – ئىيۇل 19، 16 – سېنتەبىر 9 ۋە 23 – سېنتەبىر 24 ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن ئادىز ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر