ئىران ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە چېگراسىدا ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

ئىران دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە چېگراسىدا «خەيبەر فاتىھلىرى (بويسۇندۇرغۇچىلىرى)» ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى.

1713500
ئىران ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە چېگراسىدا ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى مانېۋىرى بىرونېۋىكلىك ۋە زەمبىرەكچى قىسىملار بىلەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، ئېلېكترون ئۇرۇش دائىرىلىرى ۋە ئارقا سەپ تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن باشلاندى؛ مانېۋىرنىڭ ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ ئىراننىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى چېگرادا مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلۈشى دىققەتنى تارتتى.

پىرېزىدېنت ئەلىيېۋ 27 – سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، ئىران يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ قانۇنسىز شەكىلدە ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان قاراباغ رايونىغا يوللانغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان رايونغا ئەۋەتىلگەن ئىران يۈك ئاپتوموبىللىرىنى كونترول قىلىشقا باشلىشىدىن كېيىنلا ئىراننىڭ ئەزەربەيجان چېگراسىدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەلىيېۋ: «ئالدى بىلەن شۇنى دېيىشىم كېرەككى، ھەر ئىككى دۆلەت ئۆز زېمىنلىرىدا خالىغىنىچە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزسە بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى. بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. لېكىن بۇنى بىر زامان رامكىسى ئىچىدە ئانالىز قىلغىنىمىزدا، ئىشنىڭ بۇنداق ئەمەسلىكىنى كۆرىمىز. نېمىشقا ھازىر ۋە نېمىشقا بىزنىڭ چېگرايىمىزدا؟» دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر