ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ كەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارمىيەسىدە ئالدىنقى يىلى 580 ئەسكەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

1713261
ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يىللىق دوكلاتىدا، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتىنىڭ، 2020-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا% 9.1، زاپاس كۈچلەر ئارىسىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتىنىڭ، ئوخشاش مەزگىلدە% 19.2، دۆلەتلىك قوغدىغۇچىلار ئارىسىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتىنىڭ % 31.7 كۆپىيىپ كەتكەنلىكى،  ئۆتكەن يىلى ۋەزىپە ئۈستىدىكى، زاپاس ۋە دۆلەتلىك قوغدىغۇچىلار ئارىسىدىكى 580 ئەسكەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى، ۋەزىپە ئۈستىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتىنىڭ 5 يىلدا% 41.4 ئېشىپ، ھەر 100 مىڭ ئادەمدە 28 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، بۇ ھەقتە بايانات ئېلان  قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لىلويد ئاستىننىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى: «دەلىل - ئىسپاتلار ئادەمنى چۆچۈتىدۇ، ئەسكەرلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئارسىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى يەنىلا ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلمەيۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر