ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي سۆھبەت يىغىنى ئاخىرلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئارمىيەلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىككى كۈنلۈك سۆھبىتىنىڭ تاماملانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1712908
ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي سۆھبەت يىغىنى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مايكېل چەيس سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرى خىتاينىڭ مايور گېنېرالى خۇاڭ شۆپىڭ بىلەن تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لېيتېنانت پولكوۋنىك مارتىن مېينېرس، ئوچۇق ئالاقە لىنىيەسىنى ساقلاپ قېلىشنى چۆرىدەپ ئېچىلغان تېلېفون يىغىنىنىڭ، رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

مېينېرس، تەرەپلەرنىڭ ئامېرىكا - خىتاي مۇداپىئە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر ۋە ئوچۇق سۆزلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ۋاشىنگىتوننىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئورتاق پىرىنسىپنى ساقلاپ قېلىش ۋەدىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن مېينېرس: «ھەر ئىككى تەرەپ ئالاقە يوللىرىنى ئوچۇق تۇتۇشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

خىتاي تەرەپ بۇ سۆھبەت توغرىسىدا تېخى رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر