شىمالىي كورېيە يېڭى تىپتىكى «ھىپەرسونىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا» سىناق قىلدى

كورېيە دۆلەت تاراتقۇلىرى، شىمالىي كورېيەنىڭ يېڭى تىپتىكى «ھىپەرسونىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا» سىناق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

1712048
شىمالىي كورېيە  يېڭى تىپتىكى «ھىپەرسونىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا» سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقى، شىمالىي كورېيەنىڭ تۈنۈگۈن «Hwasong-8» ناملىق يېڭى تىپتىكى ھىپەرسونىك (ئاۋازدىن تېز) باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Hwasong-8» بىلەن شىمالىي كورېيە تۇنجى قېتىم مەزكۇر قوراللارنى تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدىغان يېقىلغۇ لامپۇچكىسىنى ئىشلىتىشكە تەييار ھالەتكە كەلتۈردى.

شىمالىي كورېيەلىك ئانالىزچى ئانكىت پاندا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا يېقىلغۇ لامپۇچكىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە مۇداپىئە سىستېمىسى ئۈچۈن «مۇھىم ئىلگىرىلەش» دەپ باھا بەردى.

شىمالىي كورېيە دۆلەت تاراتقۇلىرى يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ دۆلەتنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك» قوراللىرىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ «دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بەش يېڭى قورال سىستېمىسىنىڭ بىرى» ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلدى.

شىمالىي كورېيە بۇنىڭ بىلەن يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر