ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىنلىك ژۇرنالىستنى يارىلاندۇردى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان نابلۇس شەھىرىنىڭ شەرقىدە پەلەستىنلىك بىر ژۇرنالىستقا قارىتىپ ئوق چىقاردى ۋە ئۇنى يارىلاندۇردى.

1709639
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىنلىك ژۇرنالىستنى يارىلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئاخبارات ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پەلەستىنلىك فوتوگراف مۇخبىرى ناسىر ئەشتىييەنىڭ نابلۇسنىڭ دەير ئەل خاتاب يېزىسىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاتقان ئوقىدا بېشىدىن يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پەلەستىن ئاخبارات ئۇيۇشمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ دەير ئەل خاتاب يېزىسىدىكى مۇخبىرلارغا قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
باشقا بىر ئاخبارات مەنبەسىنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن كەچتە دەير ئەل خاتاب يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ھەقىقىي ۋە كاۋچۇك ئوقلارنى شۇنداقلا گاز ۋە ئاۋاز بومبىلىرىنى ئىشلەتكەن.
بۇ ئەھۋالغا قارىتا پەلەستىنلىك ياشلار بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا سۈركۈلۈش يۈز بەرگەن.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغىقىدىكى يېزا-بازارلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان دېگەن باھانە بىلەن پەلەستىنلىكلەرنى نازارەتكە ئېلپ كەلمەكتە. 
 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر