ئامېرىكا: تەۋەلىكىمىزگە كىرىدىغان بارلىق چەت ئەل پۇقرالىرى ۋاكسىنا ئەملەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى نويابىردىن باشلاپ ئامېرىكاغا كېلىدىغان 18 ياشتىن يۇقىرى بارلىق چەت ئەل پۇقرالىرىنىڭ يۇقۇم ۋاكسىنىسى سالغۇزغان بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ.

1708566
ئامېرىكا: تەۋەلىكىمىزگە كىرىدىغان بارلىق چەت ئەل پۇقرالىرى ۋاكسىنا ئەملەتكەنلىكىنى  ئىسپاتلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي كوۋىد -19 غا قارشى كۈرەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى جېف زىئېنتس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى سىياسىتىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ، نويابىردىن باشلاپ ئامېرىكاغا كېلىدىغان 18 ياشتىن يۇقىرى چەت ئەللىكلەردىن تولۇق ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەنلىكىنى ئىسپاتلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇچۇشتىن بۇرۇنقى 72 سائەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان PCR سىناق نەتىجىسىنىڭ پاسسىپ چىققان بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

مەزكۇر سىياسەتكە ئاساسەن ئامېرىكانىڭ ساياھەت چەكلەنگەن دۆلەتلەر تىزىملىكىدىكى شەنگەن دۆلەتلىرى ۋە ئەنگلىيەدىنمۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ ئامېرىكاغا ساياھەتكە بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2020-يىلى 3-ئايدا ئەنگلىيە، ئېرلاندىيە ۋە بىرازىلىيە، شۇنداقلا شەنگەن رايونىدىكى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئامېرىكاغا ساياھەتكە بارىدىغان چەت ئەل پۇقرالىرىنىڭ ساياھەت چەكلىمىسىنىڭ 26-يانۋاردا بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

بايدېن ھۆكۈمىتى، 20-يانۋار ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، مەزكۇر چەكلىمىلەرنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر