گۇتېررېس ئامېرىكا بىلەن خىتاينى يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 76 – نۆۋەتلىك يىغىنىدىن ئىلگىرى ئامېرىكا بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1708209
گۇتېررېس ئامېرىكا بىلەن خىتاينى يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خىتاي بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى «سوغۇق ئۇرۇش»تىن ئاگاھلاندۇرۇپ، پۈتۈنلەي ناچار ھالەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىنى تۈزىتىشكە چاقىردى.

باش كۆتۈرگۈسى يېڭى بىر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان باش كاتىپ گۇتېررېس، چوڭ، شۇنداقلا تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىككى دۆلەت بولغان ئامېرىكا بىلەن خىتاينى ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر يەر شارىنىڭ باشقا جايلىرىغا يېيىلىپ كېتىشتىن ئىلگىرى، ئىنتايىن ناچار ھالەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا چاقىردى.

گۇتېررېس، ئەمگەك كۈچى، ئىقتىساد، تور بىخەتەرلىكى ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي دەزلەرگە قارىماي، دۇنيانىڭ ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ كىلىمات مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشى، شۇنداقلا سودا ۋە تېخنولوگىيە مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەپسۇسكى نۆۋەتتە پەقەت ئۆزئارا قۇتۇپلىشىشلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان گۇتېررېس، ئىككى كۈچنىڭ پائال مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئىككى دۆلەتنى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بەرپاچى مۇناسىۋەتلەر ئورناتماي تۇرۇپ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان، ئاساسلىقى چوڭ كۈچلەر ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان يۇقۇمغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە باشقا بىر قاتار ساقلىنىۋاتقان يەرشارىۋى مەسىلىلەر  توغرىسىدا سۆزلىشىشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر