ئىران پىرېزىدېنتى رەئىسى: قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىمىز

ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى، دۆلىتىنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشىنىڭ قوشنىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون دۆلەتلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1706827
ئىران پىرېزىدېنتى رەئىسى: قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىرنانىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىبراھىم رەئىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىگە قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئايرودۇرۇمدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راھماننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن رەئىسى: «تاجىكىستان زىيارىتىم بۇ دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە سىياسەت ساھەلىرىدە يېڭى بىر سەھىپە ئاچىدۇ» دېدى.

ئۇ تاجىكىستان زىيارىتى دائىرىسىدە بۇ دۆلەت  بىلەن قانۇن، ئىقتىساد ۋە يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىدە كېلىشىملەرنى ئىمزالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى، ھەمدە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلاشتى.

21 – نۆۋەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى 16-، 17- سېنتەبىر كۈنلىرى تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر