ب د ت: ئافغانىستاندىكى يېمەك – ئىچمەك زاپىمىز  مۇشۇ ئانىڭ ئاخىرلىرى تۈگەيدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافغانىستاندىكى يېمەك - ئىچمەك زاپىسىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى تۈگەيدىغانلىقى ۋە يېمەك - ئىچمەك ياردەملىرىنىڭ توختاپ قالىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

1701314
ب د ت: ئافغانىستاندىكى يېمەك – ئىچمەك زاپىمىز  مۇشۇ ئانىڭ ئاخىرلىرى تۈگەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى رامىز ئالاكباروۋ، پايتەخت كابۇلدىن سىنلىق قاتناشقان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۆلەت نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى يېمەك - ئىچمەك زاپىمىز تۈگەيدۇ، شۇڭا ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى ئاساسلىق يېمەك - ئىچمەك  بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز.»

دۆلەتنىڭ ئىنسانىي بىر پالاكەتكە ئىتتىرىلمەسلىكى ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ئالاكباروۋ، «پەقەت يېمەكلىك ئېھتىياجىنى قامدىيالىشىمىز ئۈچۈنلا كەم دېگەندە 200 مىليون دوللار كېرەك» دېدى.

ئۇ يەنە، ئافغانىستانغا كېرەكلىك 1 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق ياردەم مەبلىغىنىڭ پەقەت 39 پىرسەنتىنىڭلا تاماملانغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر