ئامېرىكا پارىس قولتۇقى رەھبەرلىرى بىلەن ئافغانىستان مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن كۇۋەيت، بەھرەين، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمەلدارلىرى بىلەن ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنى مۇزاكىرىلەشتى.

1700617
ئامېرىكا پارىس قولتۇقى رەھبەرلىرى بىلەن ئافغانىستان مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) تېكىستلىرى پۈتۈنلەي ئوخشىشىدىغان تۆت ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، لويد ئوستىننىڭ كۇۋەيت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شەيخ ھاماد جابىر ئەل ئەلى ئەل ساباھ، بەھرەيننىڭ تەخت ۋارىسى سالمان بىن ھاماد ئەل خەلىفە، قاتار ئەمىرى تامىم بىن ھاماد ئەل سانى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇزەبى تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن زەيىد ئەل نەھيان بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۆھبەتكە مۇناسىۋەتلىك باياناتتا، ئوستىن ۋە پارىس قولتۇقى رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر، ھەمكارلىقلار  شۇنداقلا ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر