خىتاي ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «تەيۋەن بوغۇزى» دىن ئۆتۈشىنى ئەيىبلىدى

خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دېڭىز ئارمىيەسىگە ئائىت بىر ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن ساھىل بىخەتەرلىك پاراخوتىنىڭ «تەيۋەن بوغۇزى» دىن ئۆتۈشىنى ئەيىبلىدى.

1698879
خىتاي ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «تەيۋەن بوغۇزى» دىن ئۆتۈشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭ، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتۈشىنىڭ ئىغۋاگەرلىك قىلمىش ئىكەنلىكى ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ھەم مۇقىملىققى ئۈچۈن تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھەمدە ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭ «تەيۋەن بوغۇزى» دىن ئۆتۈشى قاتتىق ئەيىبلەندى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭ «تەيۋەن بوغۇزى» دىن قانۇنلۇق ئۆتۈشىنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھىندى – تىنچ ئوكياننى قوغداش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي، 17 – ئاۋغۇست كۈنى ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپى يۈز بېرىۋاتقان تەيۋەنگە يېقىن دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان، ھەمدە بۇ مانېۋىرنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «قورال – ياراغ كېلىشىمى» مۇ، خىتاي – تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى كۈچەيتىۋەتكەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، 4 – ئاۋغۇست كۈنى تەيۋەنگە 750 مىليون دوللارلىق قورال – ياراغ سېتىپ بېرىش قارارنامىسىنى تەستىقلىغانىدى.

خىتايدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشتا، ماۋ زېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 1949 – يىلى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشى ۋە خىتاي خەلق پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن،  جىياڭ جېشى رەھبەرلىكىدىكى  خىتاي مىللەتچى پارتىيەسى (گومىنداڭ) ئەزالىرى تەيۋەنگە يەرلەشكەن، ئارقىدىنلا  1912-يىلى قۇرۇلغان «خىتاي جۇمھۇرىيىتى» ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن ئارىلىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇستەقىللىق ئېلان قىلىنغانىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، «دۇنيادا بىرلا خىتاي بار» پىرىنسىپىنى قوبۇل قىلىپ،  خەلقئارا جەمئىيەتتە پەقەت ئۆزلىرىنىڭلا خىتايغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر