ئامېرىكا ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرغانلارنىڭ سانى 48 مىڭغا يېقىنلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 14 – ئاۋغۇستتىن بۇيان ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرغان كىشىلەر سانىنىڭ 48 مىڭغا يېقىنلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1696141
ئامېرىكا ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرغانلارنىڭ سانى 48 مىڭغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كابۇلدىكى ھامىد كارزائى خەلقئارالىق ئايرودۇرۇمىدىن يەنە 10 مىڭ 900 كىشىنى تارقاقلاشتۇرغان، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ھەربىي  ئايروپىلان ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان 15 ئۇچۇش بىلەن 6 مىڭ 600 كىشى، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئايروپىلانلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان 34 ئۇچۇش بىلەن 4 مىڭ 300 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن، تارقاقلاشتۇرۇش باسقۇچى باشلانغان 14 – ئاۋغۇستتىن بۇيان تارقاقلاشتۇرۇلغانلار سانى 48 مىڭغا يېقىنلاشقان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان 53 مىڭ كىشى باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر