فىرانسىيەدە كىچىك تىپتىكى بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

فىرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى لىللې شەھىرى ئەتراپىدا خۇسۇسىي كىچىك تىپتىكى بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 2 كىشى قازا قىلدى.

1696161
فىرانسىيەدە كىچىك تىپتىكى بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، ۋامبرېچېس يېزىسىدىكى بوندۇس ئۇچۇش يولىدىن قوزغالغان ئايروپىلان ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇچۇش يولىغا ناھايىتى يېقىن جايغا چۈشۈپ كەتكەن.

ئايروپىلاننىڭ تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن قازادا، ئايروپىلاندىكى 31 ياشلىق ئۇچۇش يېتەكچىسى بىلەن 75 ياشلىق بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر