ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1695181
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ «Fox News» قانىلى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ بولسا، تور ھۇجۇمى ئېھتىماللىقى بارلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەردە ھۇجۇمنىڭ ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا  ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بىر مەسئۇل «Fox News» قانىلىغا بايانات بېرىپ، بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن مەزكۇر تور ھۇجۇمىنىڭ خاراكتېرى ياكى دائىرىسى ھەققىدە ھازىرچە ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر