مىللېي: ئافغانىستان ئارمىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ 11 كۈندە يىمىرىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى

ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى مارك مىللېي، ئافغانىستان ئارمىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانغا 11 كۈن ئىچىدە يېڭىلىدىغانلىقىغا دائىر ھېچبىر ئىبارە كۆرمىگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1693922
مىللېي: ئافغانىستان ئارمىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ 11 كۈندە يىمىرىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى مارك مىللېي ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئاۋستىن بىلەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئافغانىستاندىن ھازىرغىچە بەش مىڭ ئادەمنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ۋە ئۆزگىرىشچان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان مىللېي، نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىشلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئامېرىكاغا ياردەم قىلغان ئافغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئايرودۇرۇمدىكى ۋەزىيەتنىڭ تىنچلانغانلىقىنى، ئەمما ھەرقانداق تەھدىتكە ئىككىلەنمەستىن ھەربىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مىللېي ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىرە – پىرەن بولۇپ كېتىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «نە مەن، نە باشقا بىرى (ئافغان) ئارمىيەسى ۋە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ 11 كۈن ئىچىدە يىمىرىلىدىغانلىقىغا دائىر بىرەر ئىبارە كۆرمىدۇق» دېدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋستىنمۇ «تالىبان بىلەن دۈشمەنچە سۈركىلىش بولمىدى ۋە تالىبان قوماندانلىرى بىلەن ئالاقە قاناللىرىمىز ئوچۇق دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئاۋستىن كابۇلدا نۆۋەتتە تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئورۇنداۋاتقان 4500 ئەتراپىدا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە كۆپ ئادەمنى تارقاقلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى، بىراق ھازىر كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمىگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن ئاۋستىن، ھامىد كارزائىي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا كەلگەنلەرنى تارقاقلاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى، ئەمما، ئايرودۇرۇمنىڭ سىرتىغا چىقىپ كۆپ ساندا كىشىنى ئېلىش قابىلىيەتلىرىنىڭ يوقلۇقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر