ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس تالىبانغا چاقرىق ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تالىبان ۋە باشقا ھەر قايسى تەرەپلەرنى مۆتىدىللىق بىلەن پۇقرالارنى قوغداشقا چاقىرىق قىلدى.

1691716
ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس تالىبانغا چاقرىق ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىباتلىق باياناتچىلىرى ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گۇتېررېس توقۇنۇشنىڭ مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقى ۋە ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى كۆرۈلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

گۇتېررېس ئافغانىستاندا بولۇپمۇ قىز- بالىلار بىلەن ئاياللارنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى، تەستە قولغا كەلگەن كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ، تالىبان ۋە باشقا ھەر قايسى تەرەپلەرنى مۆتىدىللىق بىلەن پۇقرالارنى قوغداشقا چاقىرىق قىلدى.

گۇتېررېس خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكى شۇنداقلا ھەق- ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى قوغداش لازىملىقىنى بىلدرۈپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىەم ئېھتىياجىنىڭمۇ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ياردەملەرنىڭ توسالغۇسىز يەتكۈزۈلىشى ئۈچۈن تەرەپلەرنىڭ رۇخسەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر