پاپا فىرانسىسقا ئىچىگە ئوق سېلىنغان كونۋېرت يوللاندى

كاتولىكلارنىڭ رۇھانىي داھىيسى رىم پاپاسى فىرانسىسقا ئىچىگە ئۈچ پاي ئوق قويۇلغان كونۋېرت ئەۋەتىلدى.

1688526
پاپا فىرانسىسقا ئىچىگە ئوق سېلىنغان كونۋېرت يوللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىگە يېقىن يەردىكى بىر پوچتىخانىغا يېتىپ كەلگەن كونۋېرتنىڭ ئىچىدە 9 مىللىمېتىرلىق ئۈچ پاي ئوق ۋە ۋاتىكاندىكى پۇل-مۇئامىلە ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر پارچە ئىزاھات چىقتى.

پوپ فىرانسىسقا ئەۋەتىلگەن كونۋېرتنى تاپقان پوچتىخانا خادىملىرى دەرھال ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلدى. ساقچىلار كونۋېرتنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

بۇ كونۋېرتنىڭ فرانسىيەدىن ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا «پاپا، ۋاتىكان شەھىرى، ساينت پېتېر مەيدانى، رىم» دەپ ئادرېس يېزىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋاتىكان ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر