ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززە رايونىدا ئوخشىمىغان نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلدى.
1687080
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە كۆيدۈرگۈچى بالونلار ئېتىلىشىغا جاۋاب تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ قامال ئاستىدىكى غەززە رايونىدا 10 – ماي كۈنى باشلاتقان ھۇجۇملار، ھاماس بىلەن تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، 21 – ماي كۈنى، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 02 دە ئاخىرلاشقانىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا، 66 سى بالا، 39 ى ئايال بولۇپ، جەمئىي 254 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1948 كىشى يارىلانغان، مىڭلارچە بىنا ۋەيران بولغانىدى.