پاكىستاندا جامەلەردە تۈركىيە ئۈچۈن دۇئا قىلىندى

پاكىستاندا جامەلەردە تۈركىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ دەرھال توختىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.

1686837
پاكىستاندا جامەلەردە تۈركىيە ئۈچۈن دۇئا قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئىسلامئابادنىڭ سىمۋوللۇق ماكانلىرىدىن «فەيسال جامەسى» دە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا، جامائەت تۈركىيە ئۈچۈن بىردەك دۇئا قىلىپ، تۈركىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ دەرھال توختىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلىدى.

پاكىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى جامەلەردىمۇ تۈركىيە ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر