«ياۋروپا ئەخلاقىي كومپاسىنى يوقىتىپ قويدى»

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «‹The Guardian› گېزىتى»، ياۋروپانىڭ ئەخلاقىي كومپاسىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1684686
«ياۋروپا ئەخلاقىي كومپاسىنى يوقىتىپ قويدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹The Guardian› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مىڭغا يېقىن كۆچمەننىڭ ئاقدېڭىزدىن ئۆتۈش يولىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، بۇ رەقەمنىڭ 2020 – يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئۆلۈم نىسبىتىدىن 4 ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكى، كۆچمەنلەرنى زۇلۇم ئىستىراتېگىيەسى بىلەن توسۇشقا ئۇرۇنۇلۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

گېزىت، گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىىتىنىمۇ قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇ دۆلەتنىڭ كۆچمەنلەرنى يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە چېگراسىغا گاس قىلغۇچى ئاۋاز توپلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كۆچمەنلەرنىڭ پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسلىرىغا قۇلاق سېلىنماستىن چېگرادىن قولاپ چىقىرىلىۋاتقانلىقىغا دائىر گىرېتسىيە ۋە باشقا جايلاردىن كۆپ ساندا بايانات ئېلان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن گېزىت، كۆچمەنلەرنى بۇنداق ئۇسۇل بىلەن  قايتۇرۇۋېتىشنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1951 – يىلقى ئەھدىنامىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى يازدى.

گېزىتنىڭ، دانىيەدە سوتسىيال دېموكرات ھۆكۈمىتىنىڭ، يۈزلەرچە كۆچمەننى سۈرىيەگە زورلۇق بىلەن قايتۇرۇۋەتمەكچى بولغانلىقى تەكىتلەنگەن خەۋىرىدە، مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا رەھىمسىزلەرچە ۋە غەيرىي ئەخلاقي بىر شەكىلدە، رەھىمسىز كۈچ ۋە تەھدىتكە ئاساسلىنىدىغان زالىم بىر «قەلئە» ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش سەۋىيەسىگە چۈشۈپ قالدى. ئەمما كۆچمەنلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى نوپۇسىنىڭ ئاران% 0.6 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۈنۈملۈك رەھبەرلىك ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق روھىغا ئاساسەن، بۇ مۇرەككەپ مەسىلىگە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن قاراش مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر