ئامېرىكا 16 دۆلەت ۋە ئارالنى «يۇقىرى سەۋىيەدىكى خەتەرلىك دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 16 دۆلەت ۋە ئارالنى «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن «يۇقىرى سەۋىيەدىكى خەتەرلىك دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

1684637
ئامېرىكا 16 دۆلەت ۋە ئارالنى «يۇقىرى سەۋىيەدىكى خەتەرلىك دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى (CDC)، گىرېتسىيە، ئىرېلاندىيە، لىۋىيە ۋە ئىران قاتارلىق 16 دۆلەت ۋە ئارالنى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن، «ھەرقانداق شەكىلدىكى بارلىق ساياھەتتىن ساقلىنىڭلار» تەرىقىسىدە تەۋسىيە قىلىنغان «يۇقىرى سەۋىيەدىكى خەتەرلىك دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى تەرىپىدىن «4 – سەۋىيەدىكى خەتەرلىك دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن دۆلەتلەر ۋە ئاراللار؛ ئاندوررا، گىرېتسىيە، ئىران، ئىرېلاندىيە، قازاقىستان، لىۋىيە، مالتا، لېسوتو ۋە كۇراچاۋ (گوللاندىيە ئانتىلىس) جەبىلتارىق، گۋادېلوپې، مان ئارىلى، مارتىنىك  ساينىت بارتلېمىي، ئامېرىكا ۋىرگىنىيە ئاراللىرى ۋە ساينىت مارتىن تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئاراللاردىن تەشكىل تاپىدۇ.

مەزكۇر دۆلەتلەر ۋە ئاراللارغا ساياھەت قىلىشنىڭ، «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى، بۇ دۆلەتلەر ۋە ئاراللارغا ساياھەت قىلىشتىن ساقلىش توغرۇلۇق تەۋسىيەدە بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر