ئەنگلىيەدە كوۋىد-19 ۋاكسىناسى 60 مىڭ كىشىنى ئۆلۈمدىن قوغداپ قالدى

ئەنگلىيەدە كوۋىد-19 ۋاكسىنالىرىنىڭ 22 مىليون كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، 60 مىڭ كىشىنى ئۆلۈمدىن قوغداپ قالغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

1682900
ئەنگلىيەدە كوۋىد-19 ۋاكسىناسى 60 مىڭ كىشىنى ئۆلۈمدىن قوغداپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە ئاممىۋى سەھىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، كوۋىد -19 ۋاكسىناسى ئەملەش پىروگراممىسى نەتىجىسىدە 60 مىڭ كىشى ئۆلۈمدىن قوغداپ قىلىنغان ۋە 22 مىليون 57 كىشى يۇقۇملىنىشتىن ساقلاپ قىلىنغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ۋاكسىنالار 52 مىڭ 600 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئەنگىلىيە ئاممىۋى سەھىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پروفېسسور جوناتان ۋان-تام دوكلات ھەققىدىكى باياناتىدا، بۇنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ بىر مۇۋەپپەقىيەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەنگىلىيەدە ۋاكسىنا ئەملەش پىروگراممىسى 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى باشلانغان بولوپ، كوۋىد -19 ۋاكسىناسىنىڭ بىرىنچى شىشىسى بىلەن ئەملەنگەنلەرنىڭ سانى 46 مىليون 733 مىڭ 115 كىشىگە ۋە ئىككىنچى شىشىسى بىلەن ئەملەنگەنلەرنىڭ سانى 37 مىليون 782 مىڭ 252 كىشىگە يەتتى.

ئەنگىلىيەدە تۈنۈگۈن (2021-يىلى 29-ئىيۇل) ۋىرۇس سەۋەبىدىن 85 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە يېڭى يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 31 مىڭ 117 كىشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر