كانادا باش مىنىستىرى ترۇدۇ جامەگە بېرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تاغ مەسچىتىگە بېرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

1678314
كانادا باش مىنىستىرى ترۇدۇ جامەگە بېرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولغان تاغ مەسچىتى (Mountain Mosque) گە بارغان باش مىنىستىر ترۇدو جامائەت تەرىپىدىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە قارشى ئېلىندى.

نۇتقىنى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ باشلىغان ترۇدو، ئارقىدىن «ھېيت مۇبارەك» دەپ مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

بۇ يەردە جامائەتكە قىسقىلا سۆز قىلغان ترۇدو، كانادادىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسى دۇچ كېلىۋاتقان ئۆچمەنلىك ۋە ئىرقچىلىق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەپ: «بۇلار قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان دەھشەتلىك ھۇجۇملاردۇر» دېدى.

ئۇ بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ كانادادا يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشىنەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «كىشىلەر ئېتىقادلىرى بىلەن ئەركىن ياشىيالىشى، مەسچىتلەردە ئىبادەت قىلالىشى ياكى كوچىدا بىخەتەر ماڭالىشى لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جاستىن ترۇدو سۆزىدىن كېيىن مەسچىتتىكى مۇسۇلمانلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ھالەتتە سۈرەتكە چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر