ئىراقتىكى دوختۇرخانا ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 64 كە يەتتى

ئىراقتىكى كوۋىد-19 بىمارلىرى داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 64 كە يەتتى.

1674569
ئىراقتىكى دوختۇرخانا ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 64 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىكار سەھىيە ئىدارىسىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان زىكار ۋىلايىتىدىكى كوۋىد-19 بىمارلىرى داۋالىنىۋاتقان ئىمام ھۈسەيىن دوختۇرخانىسىدا  تۈنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى يەنە 23 كىشى كۆپىيىپ 64 كە يەتكەن، ۋەقەدە  50 ئادەم يارىلانغان.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋەقەدە 41 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، ئىراق ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئوت ئاپىتىنى يېرىم كېچىدە تىزگىنلىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

ئاپرېلدا ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى بىر كوۋىد-19 بىمارلىرى دوختۇرخانىسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 82 ئادەم قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر