ئامېرىكانىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋاپات بولدى

ئافغانىستان ۋە ئىراقنىڭ ئىشغال قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رۇمسفېلد 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

1667997
ئامېرىكانىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇمسفېلدنىڭ ئائىلىسى، سابىق مىنىستىرنىڭ يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىدىكى ئۆيىدە ۋاپات بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رۇمسفېلد، پىرېزىدېنت گېرالد فورد دەۋرىدە، 1975 – 1977 – يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.

پارلامېنت ئەزاسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆتىگەن رۇمسفېلدنىڭ ھاياتىدىكى خۇسۇسىي ساھەلەر ۋە دۆلەت ئورۇنلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدىكى ئەڭ ھالقىلىق مەزگىل بولسا، جورج ۋ. بۇش پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن 2001 – 2006 – يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان مەزگىل ئىدى.

11 –  سېنتەبىر ھۇجۇملىرى ئەسناسىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن رۇمسفېلد، كېيىنچە ئافغانىستان ۋە ئىراقنىڭ ئىشغال قىلىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغانىدى.

ئۇ، ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ئىشغال قىلىنىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن ئۇرۇشنىڭ پىلتىسىغا ئوت يېقىۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر