پاكىستان خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن كەشمىرلىك بالىلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى

پاكىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى مۇنىر ئەكرەم، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى توقۇنۇش رايونلىرىدىكى، بولۇپمۇ جاممۇ كەشمىردىكى بالىلارنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن دەرھال تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.

1667466
پاكىستان خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن كەشمىرلىك بالىلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  پاكىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى مۇنىر ئەكرەم، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قىلغان يازما چاقىرىقىدا، ھىندىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قەستەن بالىلارنى تاپانچا بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يالغان توقۇنۇشلار ۋە ئاختۇرۇش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا ئەياللار ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 دىن ئارتۇق مەسۇم كەشمىرلىكنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى، توقۇنۇش رايونلىرىدىكى، بولۇپمۇ جاممۇ كەشمىردىكى بالىلارنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن دەرھال تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش، تۈنۈگۈن «بالىلار ۋە قوراللىق توقۇنۇش» ناملىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، جاممۇ كەشمىردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتىدىن بالىلارغا قارشى تاپانچا ئىشلىتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىنىڭ خۇرسەن قىلارلىق ئىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېشنىڭ، كەشمىردە ھىندىستان سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈشكە قارىتا تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر