ستولتېنبېرگ ناتو يىغىنىدا خىتاي ۋە رۇسىيە مەسىلىلىرىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈركىيە ۋە ئامېرىكاغا ئوخشاش بەزى ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئافغانىستان ئايرودۇرۇمىدەك مۇھىم ئۇل-ئەسلىھەلەرنىڭ داۋاملىق خىزمەت بېرىشى ئۈچۈن بىۋاستە دىيالوگ ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1657475
ستولتېنبېرگ ناتو يىغىنىدا خىتاي ۋە رۇسىيە مەسىلىلىرىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئۈچۈن ناتو مەركىزىگە كەلگەندە، بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «بۈگۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان مۇناسىۋەتلىرىمىزدە يېڭى بۆلۈم ئاچىمىز. ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيە ۋە خىتاي مەسىلىلىرىمۇ بار. رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز سوغۇق ئۇرۇشتىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە. بۇنىڭ سەۋەبى رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشقاق ھەرىكەتلىرى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، رەھبەرلەر رۇسىيەگە قارشى ‹دىيالوگ بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن كۈچلۈك قوغدىنىش› شەكلىدىكى قوش تەرەپلىك قارىشىمىزنى تەستىقلايدۇ» دېدى.

ئۇ خىتاي بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە قورال-ياراغلارنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىراق، خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىن كۈچىيىشى، ئېشىۋاتقان تەسىرى ۋە ئۇرۇشقان پوزىتسىيەسى خەۋپسىزلىكىمىز نۇقتىسىدىن بەزى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. بۇلارنى ئىتتىپاق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ ناتونىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش توغرىسىدىكى قارارىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا: «ئافغانىستانلىقلارنى قوللاشنى ۋە ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ئايرودۇرۇم قاتارلىق مۇھىم ئۇل-ئەسلىھەلەرنىڭ داۋاملىق خىزمەت بېرىشى مەسىلىسىدە ھەمكارلاشقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «كابۇلدىكى خەلقئارالىق ئايرودۇرمنىڭ داۋاملىق خىزمەت بېرىشى توغرىسىدا ئامېرىكا ۋە تۈركىيەگە ئوخشاش بەزى ناتو دۆلەتلىرى بىۋاستە دىيالوگ ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇ ھەم ناتو ئىتتىپاقداشلىرى ھەمدە پۈتكۈل خەلقئارالىق جەمئىيەت ئۈچۈن دىپلوماتىك مەۋجۇتلۇق ۋە ياردەملەرنىڭ داۋامى جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر