ھىندىستاندا دېزىنفېكسىيە فابرىكاسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ھىندىستاندا دېزىنفېكسىيە دورىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان فابرىكادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە كەم دېگەندە 15 ئادەم قازا قىلدى، ئونلارچە كىشى يارىلاندى.

1653813
ھىندىستاندا دېزىنفېكسىيە فابرىكاسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماھاراشترا ئۆلكىسىگە قاراشلىق پۇنې شەھىرىدىكى  دېزىنفېكسىيە دورىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان فابرىكادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى، خىمىيەلىك ماددىلارغا ئوت تۇتۇشۇپ كېتىشى بىلەن تەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەتراپقا يېيىلدى.

نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەن كۆپ ساندا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەلىرى ئوت ئاپىتىگە مۇداخىلە قىلدى، ئۇدا بىرقانچە سائەت داۋاملاشقان ئوت ئۆچۈرۈش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، ئوت ئاپىتى كونترول ئاستىغا ئېلىندى.

ئوت ئاپىتىنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنىشىدىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان تەكشۈرۈشلەردە كەم دېگەندە 15 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئالاقىدار تارماقلار، ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىس – تۈتەكتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر