بايدىن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگنى تەبرىكلىدى.

1650885
بايدىن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان ئىسھاق ھېرزوگقا يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، يېڭى باسقۇچتىمۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئوخشاش شەكىلدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھېرزوگنىڭ باشتىن – ئاخىر ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە يەھۇدىي جەمئىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھېرزوگنىڭ پىرېزىدېنتلىقى مەزگىلىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى شېرىكلىكنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.»

ئۇ يەنە، 9 – ئىيۇل كۈنى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشىدىغان ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەزىپە ئۈستىدىكى پىرېزىدېنتى رېئۇۋېن رىۋلىنغىمۇ مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى، تۈنۈگۈن، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 9 – ئىيۇن كۈنى توشىدىغان ۋەزىپە ئۈستىدىكى پىرېزىدېنت رېئۇۋېن رىۋلىندىن كېيىنكى پىرېزىدېنتنى سايلاش ئۈچۈن توپلانغانىدى.

پارلامېنتتا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئاۋازغا قويۇشتا، ئىشچى پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى ئىسھاق ھېرزوگ بىلەن ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇس ئارىلىقىدىكى گىۋات زېئېۋ يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونىدا ياشاۋاتقان ۋە ماراكەشتە تۇغۇلغان سىيونىست پائالىيەتچى مىرىئام پېرېتز رىقابەتلەشكەنىدى.

ھېرزوگ، بىرىنچى باسقۇچلۇق ئاۋازغا قويۇشتا، 120 پارلامېنت ئەزاسىدىن 87 سىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، رەقىبى پېرېتز بولسا، پەقەت 27 ئاۋازدا قالغان، شۇنىڭ بىلەن، ئىسھاق ھېرزوگ ئىسرائىلىيەنىڭ 11 – پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر