ھاماس: غەززەدە 1 – 2 كۈن ئىچىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن

ھاماسنىڭ سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى مۇسا ئەبۇ مەرزۇق، غەززەدە 1 – 2 كۈن ئىچىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشنى تەخمىن قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1642460
ھاماس: غەززەدە 1 – 2 كۈن ئىچىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەبۇ مەرزۇق، لىۋاننىڭ «‹ئەلمەيادىن› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا، ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئېلىپ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «غەززەدە 1 – 2 كۈن ئىچىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىۋاتىمەن.»

ئىسرائىلىيەنىڭ كۆپلىگەن ئالدىنقى سەپلەردە ئۇرۇش قىلىش كۈچىنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلغان ئەبۇ مەرزۇق، شۇ ۋەجىدىن، تېل ئاۋىۋنىڭ ۋەھشىلەرچە ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتىشىدىن ئەندىشىلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باشلانغۇچتا بۇ مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىشىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ۋاشىنگتوننىڭ پوزىتسىيەسى، پەلەستىن تىركىشىشىنىڭ تېل ئاۋىۋغا زەربە بېرىشىدىن كېيىن ئۆزگەردى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ، غەززە رايونىدا جۈمە كۈنىدىن بۇرۇن ئۇرۇش توختىتىلىشىنى كۈتمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «‹قانال 12› تېلېۋىزىيەسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى، غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ جۈمە كۈنىدىن بۇرۇن توختىتىلىشىنى كۈتمەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر