تۈركىيە ئەسكەرلىرى شەرقىي ئاقدېڭىزدا بىر پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئالدى

لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر يەل قولۋاقتىكى 97 كۆچمەن، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «ت ج گ غازىئانتەپ» پاراخوتى ۋە لىۋىيە ساھىل بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1639340
تۈركىيە ئەسكەرلىرى شەرقىي ئاقدېڭىزدا بىر پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان«ت ج گ غازىئانتەپ» پاراخوتى 13-ماي (2021) خومس پورتىدىن 28 مىل يىراقلىقتا كۆچمەنلەر ئولتۇرغان بىر يەل قولۋاقنى بايقىغان بولۇپ، كۆچمەنلەرنىڭ چوڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكى بىلىنگەندىن كېيىن، پاراخوتتىكى بىر تىك ئۇچار نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەن.

«ت ج گ غازىئانتەپ» پاراخوتى دەرھال لىۋىيە ساھىل بىخەتەرلىك قومانلىق مەزكىرىگە ئەھۋالنى مەلۇمات قىلغان ۋە يەل قولۋاقنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئالغان.

لىۋىيە ساھىل بىخەتەرلىك تارماقلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ 97 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.  شۇنىڭ بىلەن، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان پاجىئەنىڭ ئالدى ئېلىنغان.

بىخەتەرلىك تارماقلىرى لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىي پاراخوتلارنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە 123 كۆچمەننىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرىنىڭ رايوندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر